UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتراۋاج

راۋاج

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى راۋاج، تەرەققىياتى دەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئېپىك ئەسەرلەرنىڭ سۇژېتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ، سۇژېتتا ھەجمى ئەڭ ئۇزۇن، ئۆزگىرىشى ئەڭ كۆپ، ۋەقەلىكىنى يۇقىرى دولقىنغا (كۇلىمىناتىسىيىگە) كۆتۈرۈشكە ئاساس سالغۇچى قىسىم ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ باش تېما ئىدىيىسى ۋە پېرسوناژلار خاراكتېرى، دەل مۇشۇ سۇژېت راۋاجى باسقۇچىدا پەيدىنپەي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە مۇئەييەنلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات