ئۆزگىرىدىغان پېرسوناژ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى سىياسىي مەيدانى ياكى ئىدىيىۋى تونۇشى خېلى چوڭ ئۆزگىرىش ياسىغان بەدىئىي ئوبراز. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۆزگىرىش ئادەتتە ئىلغار، توغرا تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرگەنلىككە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. ئۆزگىرىدىغان پېرسوناژلارنى توغرا تەسۋىرلەش، ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرىشكە، مۇرەككەپ زىددىيەت توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەپ بېرىشكە پايدىلىق.
ئۆزگىرىدىغان پېرسوناژلار مۇھىم تەربىيىۋى رولغا ئىگە. ئاپتور چىنلىققا ئەمەل قىلىپ قايىل قىلارلىق ۋە ئىشەندۈرەرلىك ھالدا ئۆزگىرىدىغان پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى يېزىپ چىقالىسىلا، كىتابخانلارنى چوڭقۇر ئويغا سالالايدۇ، ئۆزگىرىدىغان پېرسوناژلارنىڭ ھايات يولى بىر بۆلۈك كىتابخانلار ئۈچۈن تەسىرلىك تەجرىبە - ساۋاق بولۇپ، ئۇلارغا توغرا يل كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.