تەپسىلات تەسۋىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ مەلۇم ئىنچىكە ھەرىكەتلىرى ياكى نازۇك، كىچىك ۋەقەلىكلەرنى كونكرېت تەسۋىرلەش. تەپسىلات تەسۋىرى پېرسوناژلارنى سۈرەتلەش، مۇھىت ۋە ۋەقەلىكلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بەدىئىي ۋاستە بولۇپ، بەدىئىي ئوبراز يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپ.
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى چوڭقۇر، جانلىق يارىتىلماقچى بولغان پېرسوناژلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازى بىر تالاي مول ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تەپسىلاتلاردىن تەشكىللىنىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تەپسىلاتلار تەسۋىرسىز ئەەبىي ئەسەر ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. مۇبادا مول ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تەپسىلات تەسۋىرى كەم بولىدىكەن، ئەسەر ئادەتتىكىچىلا، تەمسىز، ئوبرازلىرى خۇنۈك بولۇپ قالىدۇ.
تەپسىلات تەسۋىرى چىن بولۇشى ھەم تىپىكلىككە ئىگە بولغان بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ، باش تېمىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ.
تەپسىلات تەسۋىرى ۋەقەلىك راۋاجىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشى لازىم