ھازا قوشاقلىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر تۈرى. بۇنداق قوشاقلار ئاتا - ئانا ۋە جامائەت ئىچىدە ياخشى ئىش قىلغان مەشھۇر كىشىلەر ۋاپات بولغاندا ئۇنى ياد قىلىپ ئېيتىلىدۇ. قەدىمكى زاماندىن تارتىپ بۇ خىل قوشاقلار بولغان. «دىۋان» دىكى بىر قىسىم قوشاقلار بۇنىڭ مىسالى بولىدۇ. مەسىلەن: ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى قوشاقلار. ھازىرمۇ بۇنداق قوشاقلار ئېيتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاتا سەكراتقا چۈشكەندە،
خورەك تاتتى دەپتىمەن.
كۆزلىرى يومۇلغاندا،
ئۇخلاپ قالدى دەپتىمەن.
ئېڭكى تىڭلغاندا،
رومال ياپتى دەپتىمەن.
پوتلىرى چېتىلغاندا،
ئارام ئالدى دەپتىمەن.
جىنازىغا سالغاندا،
مەپىگە چۈشتى دەپتىمەن.
خەلقى ئالەم توپلانسا،
توي بولدىمۇ دەپتىمەن.
يېتىپ باردۇق مازارغا،
كىرىپ كەتتى سارايغا.
قاراپ قالدۇق كامارغا،
يېتىم قالدۇق تالادا.