UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتخىرەچىلەر

خىرەچىلەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىدە شەكىللەنگەن شېئىرىيەت ئېقىمى. شۇ چاغلاردا شېئىرىيەت مۇنبىرىدە بىر تۈركۈم <خىرە> نۇر چېچىۋاتقان ياش شائىرلار پەيدا بولغان ۋە ئۇلار كونا شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە يېڭىلىق كىرگۈزگەنلىكتىن ئوبزورچىلار ئۇلارنى <خىرەچىلەر ئېقىمى> دەپ ئاتىغان. خىرەچىلەر شېئىرىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى: سىياسىيغا ۋە پەلسەپىۋى قاراشلارغا سەل قاراش، دىققەتنى قالاق، ئويغانمىغان ھادىسىلەرگە قارىتىش، ساددا، لىرىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئادەملەرنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىنى، كۆڭۈلنىڭ تۇتۇق، قاراڭغۇ جايلىرىنى يېزىش. خىرەچىلەر شېئىرىيىتى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىتالىيە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تېڭىرقاش، زېرىكىشلىك كەپىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات