UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتتراگېدىيە

تراگېدىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە) دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. بۇ دەسلەپتە قەدىمكى گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ قەھرىمانلىرى زوراۋان كۈچلەرگە قارشى ھايات - ماماتلىق كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. كۈرەشنىڭ يېشىمى قەھرىمان ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مانا بۇ تراگېدىيىنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر. تراگېدىيە دېگەن بۇ نام ئەسلىدە تەڭرى دىئونس شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بايرامدىكى خەلق تاماشاسىدىن ئېلىنغان. دىئونسكە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆچكە كەلتۈرۈلگەن (ئۆچكە گرېكچە tiragos دەپ ئاتىلىدۇ). بۇ مۇراسىمدا ئۇسسۇلغا چۈشۈش ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ئۆچكە ھەققىدە قوشاق ئېيتىش (قوشاقن گرېكچە ode دەپ ئاتايدۇ) قاتارلىق پائالىيەتلەر بولغان. دېمەك، تراگېدىيە ئاتالغۇسى ئىككى سۆزدىن:tiragos (ئۆچكە) ۋ ode (قوشاق) تىن تەركىب تاپقان. كېيىنچە، تراگېدىيە ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ، مەخسۇس تىياتىر ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك ئىنگلىز دراماتۇرگى ۋ. شېكېسپېرنىڭ ئۆتكۈر قارىمۇ قارشىلىقلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېچىپ بەرگەن تراگېدىيىلىرى پۈتۈن دۇنيادا شۆھرەت قازاندى. مەملىكىتىمىزدىمۇ تراگېدىيە ژانىرىدا بىر مۇنچە ئەسەرلەر يارىتىلغان. مەشھۇر دراماتۇرگ ساۋ يۈينىڭ <گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر> ناملىق تراگېدىيىسىدە كونا جۇڭگونىڭ جىنايىتى ئېچىپ تاشلانغان، بۇ تراگېدىيە قاتتىق پاجىئە بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى زامان تراگېدىيىلىرىگە ياخشى مىسال بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات