پارتىيىۋىلىك
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ غايىۋى - ئېستېتىك نېگىزى. سەنئەتكار ۋە ياازغۇچى ھايات ۋەقەلىكلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى بەلگىلىك سىنىپ، ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇھ نۇقتىئىنەزىرى ۋە مەنپەئىتى ئاساسىدا كۆزىتىدۇ ياكى تەسۋىرلەيدۇ. چۈنكى ھەر بىر يازغۇچى ياكى سەنئەتكار <بىر جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەن، شۇ جەمئىيەتتىن ئازاد بولۇشى مۇمكىن ئەمەس>.
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە بەلگىلىك سىنىپ (گۇرۇھ) نىڭ مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ف. ئېنېگلىس <تېندىنسىئور> لۇق دەپ كۆرسەتكەنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز كەڭ مەنىدە ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ پارتىيىۋىلىكى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ سىنىپىي خاراكتېرى توغرىسىدىكى تەلىمات بىرىنچى قېتىم ماركىسىزم ترىپىدىن ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ماركىسىزم دۇنيا قاراشنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى ئاكتىپ رولىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەردى، بۇ تەلىمات ۋ. ئى. لېنىن تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ پارتىيىۋىلىكى مەسىلىسىدە ماركىسىزم، لېنىنىزم پرىنسىپلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىق قىلدى