بېغىشلىما تەقدىم قىلىش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كلاسسىك شائىرلار مەلۇم ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئارا تەبرىكلىشىپ بىر - بىرىگە بېغىشلىما تەقدىم قىلىشاتتى. بۇنداق بېغىشلىمىلار شائىرلارنىڭ ئايرىلىدىغان، ياكى ئايرىلىشتىن كېيىن ئۇچراتقان چاغدىكى تەسراتىنى، ئۆز ئارا سېغىنىشى ھەمدە بىر - بىرىگە بولغان ھۆرمىتىنى، ئۈمىدىنى ئىزھار قىلاتتى. ھازىرقى زاماندا بېغىشلىما تەقدىم قىلىش ئۇسۇلى مەتبۇئات ئارقىلىق يۈرگۈزۈلمەكتە.