UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمەسەل

مەسەل

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەخلاقىي، تەربىيە خاراكتېرىنى ئالغان ۋە ھەجۋىي تۈستىكى ئوبرازلاشتۇرۇلغان كىچىك شېئىرىي ياكى نەسرى ئەسەر. ئىنسان خاراكتېرىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر مەسەلدە كىنايىلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋەقەلەر ھايۋانات، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. ئوبرازلار كىنايىلىك خاراكتېردە بولۇشتىن تاشقىرى، كۈلكىلىك ھەم سوئال - جاۋاب شەكلىدە بولىدۇ. مەسەللەردە مۇبالىغە قىلىش، كۆپتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلار تەنقىد قىلىنىدۇ. مەسەل _ سۆز سەنئىتىنىڭ قەدىمكى نەمۇنىلىرىدىن بىرى. ئانتىك ئەدەبىياتتا ئىزوپ مەسەللىرى مەشھۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ مەسەلچىلىك ئۆز رولىنى كۆرسەتمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
مەسەل | UyghurWiki | UyghurWiki