تىپىك شارائىت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىپىك پېرسوناژلار ھايات كەچۈرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كونكرېت ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شارائىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى، ئىدىيە، ھەرىكىتى مانا شۇنداق شارائىت ئىچىدە شەكىللەنگەندىلا، يازغۇچىمۇ پېرسوناژلارنى ئوراپ تۇرغان بۇ خىل كونكرېت شارائىتنى تولۇق ئىگەللىگەندىلا، ئاندىن تىپىك پېرسوناژلارنى مەيدانغا چىقارغىلى بولىدۇ.
تىپىك پېرسوناژ، تىپىك خاراكتېر ۋە تىپىك شارائىت ئۆز ئارا گىرەلەشكەن بولۇپ، بىر - بىرىنى شەرت قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ.