راپ پ چىلار
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
«روسىيە پرولتارىيەت يازغۇچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرى. 1925 - يىلى1 - ئايدا بىرىنچى قېتىملىق پۈتكۈل سوۋېت پرولېتارىيەت يازغۇچىلىرى يىغىنىدا رەسمىي قۇرۇلغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى بۇنىڭدىن ئىككى - ئۈچ يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى. ئاساسلىق پائالىيەتچىلىرى رودوۋ، لېلېۋىچ، ۋلىتىن، ئاۋېرباخ، گىرشان، يېرمولېۋ، فادېيېۋ، شىلىۋانوۋسكى ۋە لىبىتىنسكى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۆتۈچ كەتكەن دەۋىرلەردىكى بارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ «ساپ» پرولېتارىياتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت يارىتىش كويىدا بولغان، رېئالىزم، رومانتىزم ۋە دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنى رەت قىلغانىدى. ئۇ «راپ پ» قا قاتناشمىغان سوۋېت يازغۇچىلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلماي، سوۋېت ئىجادىيەت قوشۇنىنى پارچىلاشنى ئۆزىنىڭ پائالىيەت مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ئالاھىدىلىكى قىلغانىدى.
«راپ پ» ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى چاكىنا ئىجتىمائىيات، دوگمىچىلىق ۋە مەزھەپچىلىك قوشمىسىدىن قۇرۇلغان ئەبجەش مال بولۇپ روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئوتتۇرىغا چىققان «كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى بالىلارچە سولچىللىق كېسىلى» نىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئىنكاسى ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 20 - يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن ئىدىيە ساھەسىدىكى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى كۈرەشلەردە، «راپ پ» بەلگىلىك رول ئوينىدى، بەزى ئەدەبىيات - سەنئەت مەسىلىلىرىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى. ئەمما، لېكىن ئېغىر خاتالىقلارنىمۇ ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات - سەنئىتى ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور زىيانلارنىمۇ كەلتۈردى، ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات - سەنئىتى تەرەققىياتىنىڭ پۇتلىكاشىڭى بولۇپ قالدى.
1932 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پۈتۈن ئىتتىپاق كوممۇنست (بولشىۋېكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «ئەدەبىيات تەشكىلاتىلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش توغرىسىدا» قارار چىقىرىپ «راپ پ »نى ئەمەلدىن قالدۇردى. «راپ پ» نىڭ ئون يىللىق ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.