مودېل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كىيىم پىچىش، تىكىشتە ئىشلىتىلىدىغان ياكى رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەلتىراشتا شەكىل ئوبيېكتى قىلىنغان ھەيكەل، يالىڭاچ ئادەملەر مودېل دېيىلىدۇ. ئۇ رەسىم سىزىش، ھەيكالتىراش ماھارىتىنى مەشق قىلىش ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا پايدىلىنىدىغان نىشان.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە، مودېل پروتوتىپمۇ دېيىلىدۇ. پروتوتىپ، يازغۇچىنىڭ پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئاساسلانغان رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئادەم بولۇپ رەسساملىق ۋە ھەيكالتاراشلىقتىكى مودېلگە ئوخشىتىلىدۇ. ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى پروتوتىپ مودېلىغا پۈتۈنلەي ئوخشىشىپمۇ كەتمەيدۇ. مودېل مەيلى ھەيكەل ياكى يالىڭاچ ئادەم بولسۇن. ئۇ بەرىبىر ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرىدۇ. پروتوتىپ بولسا ھەرىكەتچان، جانلىق بولىدۇ. (ئاتالغۇلارنىڭ «پروتوتىپ» ئىزاھىغا قاراڭ. )