ئىجادىيەت ئەركىنىلىكى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسىلە ئەڭ بىرىنچى قېتىم ۋ. ئى. لېنىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. لېنىن: "سوتيالىستىك ئەدەبىيات ھەقىقىي، ئەركىن ئەدەبىيات"دېگەنىدى.
ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل مەنىۋىي ئەمگەك. بۇ خىل ئەمگەكنىڭ تەتىجىسى يازغۇچىنىڭ كۆزگە كۈرۈنەرلىك، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكگە ئىگە بولىدۇ. شەخىسنىڭ ئىجادىي كۈچى، كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى غايەت زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا توغراكېلىدۇ. تۇرمۇشقا نىسپەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ۋە ئالاھىدە كۆز قاراشقا ئىگە بولۇش، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ماھارەتكە ئىگە بولۇش زۈرۈر، شۇڭا ئىجادىيەتنىڭ ئەركىن بۇلۇشى شەرت. دېمەك، يازغۇچى ئۆز مېڭىسى ئارقىلىق پىكىر قىلىشى ، تېما، باش تېما ۋە بەدئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تاللاشتا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى، قايناق ھېسياتىنى ئىزھار قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئوي پىكرىنى ئىپادە قىلىشتا تۇلۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى شەرت، شۇنداق بولغاندا، ھەققىي تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ۋە تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگەئەسەرلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. ۋ. ئى. لېنىن بۇ جەھەتتە ئالاھىدە توختىتىلىپ، 1913 - يىلىدىلا بەدىئىي ئىجاد ئەركىنىلىكىنى تەشەببۇس قىلىپلاقالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىر قاتار كونكرېت چارە - ئۇسۇللىرىنىمۇ كۆرسەتكەن. ئۇ، بەدىئىي ئىجادىيەت ئىندىۋىدۇئال ھادىسە ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىي ئىشتا"شەخشىي تەشەببۇسقا، شەخسىي قابىلىيەتكە، پىكىر ۋە خىيالغا، شەكىل ۋە مەزمۇنغا مەيداننى كەڭرى ئېچىپ بىرىش مۇتلەق لازىم"لىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن.
"بىز دەۋاتقان ئىجادىيەت ئەركىنىلىكى مۇنداق ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، جەمئىيەت يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئەركىن جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەمىن ئەتكەن كاپالەتنى ، يەنى ئوبيېكتىپ جەھەتتە شەكىللەنگەن، ئىجادىيەتنىڭ روشەنلىكى ، ساغلاملىقنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرسى، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت داۋامىدىكى ئەركىن روھىي ھالىتىنى، يەنى يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتە، رېئاللىقنى ئىپادە قىلىشتا زۈرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنىلىك ئالىمىگە قەدەم باسقانلىقىدەك روھىي سەكرەتمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىككى مەزمۇن بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇھەم بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئوبيېكتىپ شارائىت تەمىن ئەتكەن ئىجادىيەت ئەركىنىلىكى مول ئىجادىيەت مېۋىلىرىگە ئىگە بولالايدۇ"(«تارىم»85 - يىلقى 3 - سان، 110 - بەت )