ھەرىكەت تەسۋىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىدىن بىرى. پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىش ھەرىكەت تەسۋىرى دەپ ئاتىلىدۇ. پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن شۇ پېرسوناژنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېنگېلىس: <پېرسوناژنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى بىلەنلا ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى يەنە قانداق قىلىدىغانلىقى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ>، (<ف. لاسسالغا>) دېگەنىدى. <قانداق قىلىدىغانلىقى> دەل پېرسوناژنىڭ ھەرىكىتىدۇر.