ئاكادېمىك نەشر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ تېكىستولوگىيە ئىلمى پرىسىپلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان ۋە ئاساسەن مۇتەخەسسىسلەرگە مۆلچەرلەنگەن نەشر. ئاكادېمىك نەشر ئادەتتە يازغۇچىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى (ھەتتا ئاياغلاشمىغان ئەسەرلىرىنىمۇ)، مەلۇم ئەسەرلەرنىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرىنى، ئۇنىڭ ھايات، پائالىيىتىگە ئائىت ھۆججەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاكادېمىك نەشردە ئىلمىي قاراش، ئىزاھ ۋە شەرھلەر بېرىلىدۇ ۋە يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپىنچە خرونولوگىيىلىك ئىزچىللىقتا جايلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ ئاپتور ئىجادىنىڭ تەدرىجى كامالەتكە يەتكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.