خاراكتېرىستىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە charakter سۆزىدىن)
مەلۇم ھادىسە، كىشى ياكى نەرسىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە سۈپەتلەرنى بەلگىلەش، ئېنىقلاش. يازغۇچى ئەسەردىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، پائالىيىتى، خۇلق - مىجەزى، ئەقىل - ئىدراكى، قابىلىيىتى، ئىنتىلىشى، تاشقى قىياپىتى ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرسە، يەنى قەھرىمانلارنىڭ خۇلق - مىجەزىنى ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتى ۋە ئىچكى ھېسسىيات تەسۋىرى ئارقىلىق ئېچىپ بەرسە، بۇنى ئاپتور خاراكتېرىستىكىسى دەيمىز. بەدىئىي ئەسەردە پېرسوناژلارغا تىل خاراكتېرىستكىسىمۇ بېرىلىدۇ.