UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتماقال

ماقال

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يارىتىلغان ۋە خەلق دانالىقىنى ئىپادىلەيدىغان قىسقا، كۆپىنچە شېئىرىي شەكىلدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر، چوڭقۇر مەنىلىك ئىبارىلەر. ماقاللار خىلمۇخىل تېمىلاردا بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئۇ كۆپىنچە نەسىھەت خاراكتېرىدا بولىدۇ. مەسىلەن: يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. يالغان سۆزلەپ ياشىغىچە، راست سۆزلەپ ئۆلگەن ياخشى. ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق. ھۇرۇنلۇق _ خارلىقنىڭ ئىشىكى. ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ، مەززىسى يوق ئىشىنىڭ. ماقاللار خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى شېئىرىي شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خىلمۇخىل بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى كەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر قىسىم ماقاللاردا خەلقنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش دەۋرلەردىكى فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگەقارشى نەپرەت ۋە غەزەپلىرى، ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى ئاۋازى جاراڭلايدۇ: ئادالەتسىز كىشى قىلسا شاھلىق، مۇنداق شاھتىن ياخشى گادايلىق؛ ھەممە ئىشنى موللا بىلەر، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيەر؛ كەتمەن چاپقان جىگدە يەر، ئوڭدا يېتىپ گىردە يەر، دېگەندەك ماقاللار يۇقىرىدىكى سۆزىمىز ئۈچۈن ئىسپاتتۇر. ئۇلۇغ ئەدىب، شائىر، پەيلاسوپلار خەلق ماقال - تەمسىللىرىدىن ئىلھاملىنىپ، ئاجايىپ ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى ياراتقان. مەسىلەن: يۈسۈپ خاس ھاجىپ: تولا سۆزلىمە سۆز بىرەر سۆزلە، ئاز، تۈمەن سۆز تۈگۈنىن بۇ بىر سۆزدە ياز. كېتەر دۇنيا بۇ ياخشى قىلىقنىڭ ئىزى ئۆچمىگەي. يىغىلسا مال، دۇنيا تۈگەر، يوقىلۇر، پۈتۈلسە قالۇر سۆز، جاھان ئايلىنۇر، دەيدۇ. ناۋايى: ئاز - ئاز ئۆگرەنىپ دانا بولۇر، قەترە - قەترە يىغىلىپ دەريا بولۇر. ئۆگرە نۇردىن قاچقان زالىم بولۇر، ئەجىر قىلىپ ئىلىم ئۆرگەنگەن ئالىم بولۇر، دەيدۇ. ئازادلىقتىن كېيىنكى چارەك ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى زامانغا بېقىپ بېيىدى ۋە يېڭى - يېڭى ماقال - تەمسىللەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن: بىلىم نۇر، نادانلىق زۇلمەت؛ ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى؛ گەپنىڭ قايمىقى تەنقىد، ياخشىغا قىلىمىز تەقلىد؛ دەريا سۈيىنى باھار ئاشۇرىدۇ، كىشى قەدىرىنى ئەمگەك ... دېگەندەك ماقاللار كىشىلەر ئارىسىدا سان - ساناقسىز.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات