ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى توسقۇن بولۇش رولىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈرلىشىدۇر. بىراق، ئەكىس ئەتتۈرۈش ھەرىكەتسىز، پاسسىپ بولماستىن، ھەرىكەتچان، ئاكتىپ بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەدەبىياتنى بەلگىلەيدۇ، ئەمما، ئەدەبىيات مەيدانغا كەلگەن ھامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئەكىس رول ئويناپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىلگىرىلىتىش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي رولى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىدا رول ئويناش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يەنى، ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىغا، ئاندىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىغا بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئىجتىمائىي رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىلغار ئەدەبىيات، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات كىشىلەرگە ئاكتىپ، تەربىيلەش رولىنى ئوينايدۇ، يېڭى ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جەمئىيەت تارىخىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رېئال تۇرمۇشنى بۇرمىلىغان ئەكسىيەتچىل، چىرىك ئەدەبىيات كىشىلەرنى زەھەرلەش رولىنى ئويناپ كونا ئىقتىسادىي بازىسىنى قوغدايدۇ، جەمئىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئەەبىياتنىڭ ئوبراز ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ نەزەرىيىسىگە ئوخشاش ئۇقۇم، ھۆكۈم ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلماستىن، بەلكى، جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئەكسى رول ئويناپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدە ئېستېتىكلىق تەربىيۋى رولىدۇر. ئەدەبىياتنىڭ بۇ خىل ئېستېتىكلىق تەربىيۋى رولىنى كونكرېتلاشتۇرغاندا مۇنۇلاردىن ئىبارەت: (1) تونۇتۇش رولى. يەنى، مۇئەييەن رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېئال تۇرمۇشنى تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. (2) ئىدىيىۋى تەربىيلەش رولى. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى تەسۋىرلىگەندە ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ۋە ئېستېتىك غايىسىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكتىن، ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇشنى تونۇتۇش بىلەن بىر چاغدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشى ە پوزىىتسىيىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. (3) ئېستېتىكلىق تەربىيىلەش رولى. يەنى، مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر كىشىلەرنىڭ ئالىيجاناب بەدىئىي ھەۋىسى ۋە ئېستېتىك قابىلىيىتىنى تەربىيلەيدۇ ھەم ئۆستۈرەلەيدۇ.