بالىلار قوشاقلىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەمگەكچى خەلق ئاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن بالىلارنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتى، تۇرمۇش تەجرىبىسى، پسخىك خۇسۇسىيىتى، ھەۋەس - ئىشتىياقىغا ئاساسەن ئاددىي ۋە جانلىق ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىجاد قىلىنغان قوشاقلاردۇر. مۇنداق قوشاقلار بالىلار ئويۇنلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
«قارا - قارا قۇشلارىم» ۋە «ئاق تېرەك، كۆك تېرەك» دېگەن ئويۇنلار ھەممىگە مەلۇم بالىلارغا خاس مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.