سىياسىي لىرىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شائىرنىڭ ھەر خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئالغان تەسىراتى، نۇقتىئىنەزىرى ۋە ئىدىيىسى ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل شېئىر شەكلى. بۇنداق شېئىرلاردا چوڭ سىياسىي - ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېما قىلىنىپ، شائىر ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ياكى گۇرۇھنىڭ نۇقتىئىنەزىرى، ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنىدۇ. بۇنداق شېئىرلاردا لىرىكىچانلىق ئىنتايىن كۈچلۈك، مەزمۇن ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدۇ. ئۇ خەلقنى ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىققا، قەھرىمانلىققا، ۋەتەنپەرۋەرلىككە چاقىرىدۇ ۋە شۇ روھتا تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن: شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئاچىل» تېمىسىدىكى شېئىرىدا ئەينى زاماندىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ شېئىردا خەلقنى ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقىرىدۇ.