UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەھرى سەرى

بەھرى سەرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى <سەرى> نىڭ لۇغەت مەنىسى <تېز، چاپسان> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭمۇ خىللىرى كۆپ. بىر خىلى <بەھرى سەرىئ مەقتۇد> (تېز ئۈزۈك بەھرى). يەنى، مىسرادىكى سۆزلەر ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن ئۈزۈپ، كېسىپ ئوقۇلىدۇ. بۇنداق بەھرىدە مىسرا 11 بوغۇمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۈچ تۇراققا بۆلۈنۈپ، بىرىنچى - ئىككىنچى تۇراقلار تۆت بوغۇمدىن، ئۈچىنچى تۇراق ئۈچ بوغۇم بولىدۇ، بۇنىڭ سخېمىسى: مۇستەپئەلون - مۇپتەئەلون - فائىلان. مىسالى: نەچچە كۈندۈز / كۆرمەدىم يا / رىم سېنى، سەنمۇ ھەم ياد / ئەتمىدىڭ ھەر / گىز مېنى. (گۇمنام)
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات