UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتماۋزۇسىز شېئىر

ماۋزۇسىز شېئىر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لىرىك شېئىرلارنىڭ بەزى شەكىللىرى ئۆز قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماۋزۇسىز ئىجاد قىلىنىپ كەلگەنلىكتەك ئەنئەنىگە ئىگە. نۇنىڭغا خەلق قوشاقلىرى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ فەردتىن تارتىپ مۇساۋىيات تەرەپەينىگىچە بولغان شېئىرىي شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىمۇ ماۋزۇ قويۇلماي، پەقەت شەكلى ئىزاھلىنىپلا يېزىلىپ كەلگەن. ھازىرقى زامان شېئىرىيەت ئىجادىيتىدىمۇ ماۋۇزۇسىز لىرىك شېئىرلار كۆپلەپ يېزىلدى. بۇنداق شېئىرلارنىڭ بەزىسى شائىرنىڭ ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ئىلھامى بىلەن يېزىلغانلىقتىن ماۋزۇ قويۇلمىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەركىزىي ئىدىيىنى ئېنىقلاشنى كىتابخانلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ماۋزۇ قويۇلمىغان. بۇنى كونكرېت تەھلىل قىلىش، ماۋزۇ تاپالمىغانلىقتىن دەپ قارىماسلىق لازىم.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ماۋزۇسىز شېئىر | UyghurWiki | UyghurWiki