رېژسسور سېنارىيىسى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ كۆرۈنۈش سېنارىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەخسۇسلا سۈرەتكە تارتىش ئېھتىياجى ئۈچۈن يېزىلىدۇ. رېژىسسور سېنارىيىسىنى رېژىسسور ئەسلىدىكى كىنو سېنارىيىسىگە ئاساسلىنىپ، ئۆزىنىڭ پىكرەن قۇراشتۇرۇشلىرىنى قوشۇپ، پۈتكۈل فىلىم ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى ئوپېراتورنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. ھەربىر بۆلەك كۆرۈنۈشنىڭ مەنزىرە ئايرىمسىنى، سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنى، ئېكىراندا كۆرۈنىدىغان فىگۇرىلارنىڭ يىراق - يېقىنلىقى، دىئالوگ، مۇزىكا، ئەكس سادا، كۆرۈنۈشنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىم كۆرۈنۈش قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ.
رېژىسسور سېنارىيىسى، رېژىسسورنىڭ ئەسلىدىكى كىنو سېنارىيىسىنى يېڭىباشتىن ئىجاد قىلغان سېنارىيىسى دېيىشتىكى سەۋەب ئاشۇ يەردە.