UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەند

بەند

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئالاھىدە قاپىيە تەرتىپىگە ئىگە بولغان شېئىر بۆلەكلىرى بولۇپ، ئۇ ئاياغلاشقان بىرەر ئوي - پىكىرنى، ياكى بىرەر مەنزىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بەند ئەدەبىياتشۇناسلىقتا <ستروفا> دەپمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ سۆز بىزدە ئادەتتە <كۇپلېت> سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە. قاپىيىلىنىش تەرتىپىگە مۇۋاپىق خىلمۇ خىل بەند قۇرۇلۇشىغا ئىگە بولغان شېئىرلار بار. ئىككىلىك - مەسنىۋى؛ تۆتلۈك - مۇرەببە، بەشلىك - مۇخەممەس؛ ئالتىلىك - مۇسەددەس، سەككىزلىك - مۇسەممەن ۋە باشقىلار. ئا. س. پۇشكىن ئۆزىنىڭ <يېۋگېنى - ئونېگىن> ناملىق شېئىرىي رومانىدا ئون تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن بەندلەرنى قوللانغانىدى، بۇ رۇس ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا <ئونېگىن ستروفاسى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە شېئىرنىڭ خاراكتېرىگە مۇۋاپىق بەند قۇرۇلۇشى تۈرلۈكچە بولىدۇ: كىچىك لىرىك شېئىرلار غەزەل شەكلىدە بولسا، ئېپىك شېئىرىي ئەسەرلەر مەسنىۋىگە خاس قاپىيە بىلەن <بەند> تەرتىپىگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن: ناۋايىنىڭ <خەمىسە> سىدىكى بارلىق داستانلار مەسنەۋى ئۇسۇلىدا قاپىيىلەنگەن بەند قۇرۇلۇشىغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات