تۇراق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بارماق ۋەزنىدىكى شېئىر مىسرالىرىنىڭ رىتىملىق بۆلەكلىرى (بۇنداق بۆلەكلەر ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلاردا روكىن دەپ ئاتىلىدۇ). تۇراق شېئىرنىڭ رىتىمىنى ۋە مۇزىكلىقلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى تۇراق دېيىلىدۇ.
مەسىلەن:
ۋەتىنىم كۆردۈم مەن ئەتەڭنى،
بۈگۈننىڭ ئەڭگۈشتەر كۆزىدە.
ئۇ ساڭا راسلاپتۇ پايانداز.
تەبەسسۇم جىلۋىسى يۈزىدە.
تەبىئىيكى، بۇ مىسرالارنى ئوقۇغان كىشى ئۇزۇنغا ئوقۇپ كېتىۋەرمەيدۇ. بەلكى، ھەر بىر مىسرادىكى سۆزلەر ئارىلىقىدا سەل - پەل توختاپ ئوقۇيدۇ. بۇ توختىلىشلار تەرتىپلىك يوسۇندا تەكرارلىنىپ، رىتىم ھاسىل قىلىدۇ - دە، سۆزلەرگە بىر خىل ئاھاڭدارلىق بەخش ئېتىدۇ. يۇقىرىدىكى بىر كۇپلېت شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئۈچتىن تۇراق بولۇپ، ھەر بىر قۇر توققۇز بوغۇمدىن تەشكىل تاپقان.