UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتلائۇرېئات

لائۇرېئات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لاتىنچە laoreatus دەپنە دەرىخى بەرگىدىن ياسالغان گۈلچەمبەر ئالىم، يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارغا بېرىلىدىغان پەخرىي ئۇنۋان، يۈكسەك مۇكاپات. ئانتىك ئەدەبىياتتا پوئېتىك مۇسابىقە غەلىبىلىرى لائۇرېئات دەپ ئاتالغان. ھازىرقى دۇنيادا «لېنىن مۇكاپاتى لائۇرېئاتى» ۋە «نوبېل مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپات لائۇرېئاتلىرى بولۇپ، مەشھۇر يازغۇچى، شائىر ۋە پەن - تېخنىكا ساھەسىدە كۆزگە كۆرنەرلىك ئۇتۇقلىرى بولغان كىشىلەر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدە گومورو (50- يىللاردا تەسىس قىلىنغان) «خەلقئارا لېنىن مۇكاپاتى لائۇرېئاتى» ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئېلىمىزدىن،جۇلىبو قاتارلىق يازغۇچىلار لېنىن مۇكاپاتى لائورېئاتىغا ئېرىشكەنىدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگودا «لۇشۈن مۇكاپاتى» لائۇرېئاتى تەسىس قىلىنىدى. بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرى «لۈشۈن مۇكاپاتى» لائۇرېئاتىغا ئىگە بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
لائۇرېئات | UyghurWiki | UyghurWiki