UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتكىنو ئەدەبىياتى

كىنو ئەدەبىياتى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ كىنو سېنارىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىنو فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن يېزىلىدىغان مەخسۇس ئەدەبىي تۈر. ئۇنى سۈرەتكە ئېلىشقىمۇ، كىتابخانلارنىڭ ھېكايىلەرنى ئوقۇغاندەك ئوقۇشىغىمۇ بولىدۇ. كىنو ئەدەبىياتى ھېكايە بىلەن درامىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن كۆرۈش سېزىمى پەيدا قىلىدىغان ئوبرازلىق سەنئەت. ئۇنىڭدا ھېكايە ۋ درامىلارغا ئورتاق بولغان مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ: ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئورتاق قانۇنىيەتلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوبرازلاشتۇرۇش، تىپىكلەشتۈرۈش ئۆتكىلى ئارقىلىق ئۆتۈپ، تىلدىن پايدىلىنىپ ئوبراز يارىتىدۇ. پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقاندا ھەرىكەت، دىئالوگ ۋە تەپسىلاتلار تەسۋىرىدىن ئايرىلمايدۇ ۋە تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پېرسوناژلارنى يارىتىدۇ. كومپوزىتسىيە قۇرۇلمىسىغا تەلەپ قاتتىق قويۇلىدۇ. ۋەقەلىك سۇژېتىنىڭ راۋاجىدا زىددىيەت، توقۇنۇشنىڭ قانات يېيىشى تېز بولىدۇ. ئۇنىڭ ھېكايە، درامىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇنداق تەرەپلىرىمۇ بار: ئەڭ ئاۋۋال، ئۇ پېرسوناژلارنى سۈرەتلىگەندە كۆرۈش سېزىمچانلىقى تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، تاماشىچىلارنىڭ كۆز ئارقىلىق كۆز ئارقىلىق كونكرېت، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بەدىئىي ئوبرازنى بىۋاستە كۆرۈش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاندىن قالسا، ئۇ پېرسۇناژلار خاراكتېرىنى ئىپادىلەش، پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىش، پېرسوناژلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە، ئاساسەن ھەرىكەتكە - تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئارقىلىق بىۋاستە كۆرەلەيدىغان روشەن پېرسوناژلار ھەرىكەتكە تايىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ مۇنتاژ ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ بىر يۈرۈش ئوخشىمايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ، چېتىپ بىرلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇكەممەل بەدىئىي كارتىنا قۇراشتۇرۇلغان ھېسابلىنىدۇ. كىنو ئەدەبىياتى كىنو سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سۇژېت قۇرۇلمىسىنى تەشكىللەپ، كونكرېت كۆرۈنۈش، ھەرىكەت، دىئالوگ (ياكى چۈشەندۈرۈش سۆزلىرى) ھەمدە باشقا تەپىسلاتلارنى يازىدۇ. سۇژېت راۋاجى، پېرسوناژلار ئىدىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆرگىلى بولىدىغان ھەرىكەت ۋە كونكرېت ئوبراز ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. تىلى جانلىق، تاۋلانغان، ساز بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. كىنو ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنىڭ بەزىلىرى تۇرمۇش ماتېرىياللىرىدىن بىۋاستە يىپ ئۇچى ئېلىش يولى بىلەن بىۋاستە سېنارىيىلەشتۈرۈلىدۇ. بەزىلىرى باشقا ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۆزگەرتىپ سېنارىيىلەشتۈرىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
كىنو ئەدەبىياتى | UyghurWiki | UyghurWiki