مۇھەببەت قوشاقلىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ تۈردىكى قوشاقلار خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. بۇنداق قوشاقلاردا ساپ مۇھەببەت، ۋاپادارلىق، ساداقەت، ئەركىن مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان مەزمۇنلار گەۋدىلەنگەن. ئۆتمۈش تارىختا نىكاھ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ياشلار فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ ناخشا - قوشاقلارنى ئىجاد قىلغان. مەسىلەن:
بەگلىرىم بەگلىك قىلادۇر،
دوغىسى ئالۋاڭ بىلەن.
ئاخۇنۇم پەتىۋا قىلادۇر،
راستى يوق يالغان بىلەن.
بۇ قوشاقتا فېئوداللىق ئېكىسپلاتاتسىيىگە كەتمەن چاپىدىغان بەگ، دورغا ۋە ئاخۇنلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن
ياغلىقىمنى يۇدۇردۇم،
باغ ئىچىگە يايدۇردۇم.
ئاران تاپقان يارىمنى.
قاراقچىغا ئالدۇردۇم.
بۇ قوشاقتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆڭۈل سۆيگەن مۇھەببىتىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغانلىقىنى، چىرىكى جەمئىيەت ئەركىن مۇھەببەتكە يول بەرمىگەنلىكىنى پاش قىلغان.
ئازادلىقتىن كېيىن نىكاھ ئەركىنلىكى يولغا قويۇلدى. قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىمۇ يېڭلاندى. دەردلىك، ھەسرەتلىك تۇرمۇش كەتسە كەلمەسكە كەتتى. مۇھەببەت تېمىسىدىكى قوشاقلاردا ئىناق ئائىلە، سوتسىيالىزم دەۋرىدىكى بەختلىك ياشلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچ، ئەمگەك جەريانىدىكى قەھرىمانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەزمۇنلار كۈيلەنمەكتە.