سەھنە سۆزى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىياتىر ئەسەرلىرىگە خاس ئاتالغۇ. دراما ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجىدا دراما پېرسوناژلىرىنىڭ ئۆز خاراكتېرىنى ئېچىپ، ئۆز ئوبرازىنى يارىتىدىغان، ۋەقەلىكنى راۋاجلاندۇرىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق باش تېمىنى ئېچىپ بېرىدىغان قورالى. ئۇ دىئالوگ، مونولوگ، ياندىما سۆزلەردىن تەكىب تاپىدۇ. ساپ، ئاددىي، تاۋلانغان، ئېنىق ۋە خاسلاشقان بولۇش سەھنە سۆزىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ.