UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئورتاق ھېسيات

ئورتاق ھېسيات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ھېسسىي ئورتاقلىق ئەدبىيات _ سەنئەتتىكى بەدىئىي زوقلىنىش جەريانىدا مەيدانغا كېلىدىغان پىسخىك ھادىسە. كىشلەر ئەدەبىيات _ سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەدىئىي زوق ئېلىۋاتقاندا ھەمىشە ئىدىيىۋى ھېسيات بىلەن مەلۇم دەرىجىدىكى ئورتاقلىق پەيدا بولغانلىقىنى، ئەسەردىكىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان ياكى ئاساسەن بىردەك تۇيۇلىدىغان بەدىئىي تەسىراتنى سېزىدۇ. مانا بۇ ئورتاق ھېسيات، ياكى ھېسسىي ئورتاقلىقتۇر. ئورتاق ھېسسىيات ئاپتور بىلەن زوقلانغۇچى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا سادا چىقىرىش ۋە ئەكىس سادا قايتۇرۇش، « بىرى < ھە> دېسە، يەنە بىرى < ھۆ > دېيىش » ھالىتىنى ئىپادە قىلىدۇ. قۇدرەتلىك بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، ئورتاق ھېسسىياتقا سەۋەبچى بولىدىغان ھەل قىلغۇچ شەرت بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇنى ئورتاق ھېسسىيات پەيدا قىلىدىغان ئاساس بولىدۇ. ئەسەردە كۈچلۈك بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولغاندا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئەسەرنىڭ ئىدىيۋى مەزمون بىلەن زوقلانغۇچىنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىدا ئورتاقلىق جايلار بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق ھېسسىيات مەيدانغا كېلىدۇ. ئەسەردە بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كەم بولسا، ياكى ئىدىيۋى مەزمۇن بىلەن زوقلانغۇچىنىڭ بەدىئىي زوقلىنىش كۈچى كەم بولسا ئورتاق ھېسسىيات تۇغۇلمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئورتاق ھېسيات | UyghurWiki | UyghurWiki