بەھرى مەدىد
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
<مەدىد> نىڭ لۇغەت مەنىسى <سوزماق، سوزۇلماق> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بىر خىل بەھرى بولۇپ، نامى <بەھرى مەدىد سالىم> (مۇكەممەل سوزۇلغان بەھرى) دېيىلىدۇ. بۇ بەھرىدىمۇ ھەر مىسرا يەتتە بوغۇملۇقتىن ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن 14 بوغۇمدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ بەھرى تەۋىلىدىن پەرقى شۇكى، بۇنىڭ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى تۇراقلىرى تۆت بوغۇمدىن، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى تۇراقلىرى ئۈچ بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ؛ ئاندىن ھەر بىر تۇراق سوزۇلۇپ، جاراڭلىقراق ئوقۇلىدۇ. بەھرى تەۋىلىدە بولسا، تۇراقلار قىسقىراق، لېكىن بۆلەك سوزۇلۇپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:
ھەر نېچە يا / مانلىقكى / قىلۇر ياخشى / كۆرۈنۈر
نازۇك كىشى / دىن ھەرنە / كىلۇر ياخشى / كۆرۈنۈر. (لۇتفى)
بەھرى مەدىدنىڭ سخېمىسى:
پائىلاتۇن - پائىلۇن - پائىلاتۇن - پائىلۇن.