داستانچىلىق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەلنەغمىچىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە داستانچىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت تۈرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
داستانچىلىق لىرو - لېپىك ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. داستانچىىقتا، ھەمىشە، شېئىر قىسمى مۇزىكىغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئوقۇلىدىغان، ئېپىك قىسمى ۋەزخانلىق يولى بىلەن ئىنتوڭناتسىيىلىك ئېيتىلىدىغان جانلىق ئۇسۇل بار. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ <غېرىپ - سەنەم>، <تاھىر - زوھرا>، <يۈسۈپ - زۇلەيخا> قاتارلىق داستانلىرى ئەنە شۇنداق داستانچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق نەچچە ئەسىرلەرنى ئاتلاپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن.