ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مەزمۇن جەھەتتىن ۋەھىمىلىك ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھېكايىلەرنىڭ بىر خىلى. ئۇ ياۋروپا، ئامېرىكا كاپىتالىزم دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان.
ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر رازۋېتكا ھېكايىلىرى، جاسۇسلۇق ھېكايىلىرى، تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكەتلىرى ھېكايىلىرى، ئىلمىي فانتازىيلىك ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
غەرب دۇنياسىدىكى ۋەھىيمىلىك ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى زورلۇق ۋە شەھۋانىيلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىدۇ، بۇنىڭ پاسسىپ تەسىرى بار.