مۇتەقارىب
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئارۇز ۋەزنى بەھرلىرىدىن بىرى. مۇتەقارىبنىڭ لۇغەت مەنىسى «ئەپلىك»، «ئاسان» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھرىنىڭ بىر قانچە تارماق بەھرىلىرى بار. «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئاساسەن مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان. تۆۋەندىكى مىساللاردىن بۇ شەكىلنىڭ ھەقىقەتەن «ئەپلىك» ۋە «ئاسان» ئەستە قالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز:
كىشىگە كەرەك تەگمە يەردە بىلىش،
بىلىش بىرلە ئېتلۇر قامۇغ تۈرلۈك ئىش.
بەگ ئاتى بىلىك بىرلە باغلىغ تۇرۇر،
بىلىك لامى كېتىسە بەگ ئاتى قالۇر.
بىلىكسىز كىشى ئول يەمىشسىز يىغاچ،
يەمىشسىز يىغاچىغ نەگۈ قىلسۇن ئاچ.