UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتيېشىم

يېشىم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئادەتتە يېشىم - تۈگەللىمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېشىم ئەدەبىي ئەسەرىدىكى زىددىيەت - توقۇنۇشنىڭ ھەل قىلىنىشى بولۇپ، سۇژېت راۋاجلىنىپ يېشىم باسقۇچىغا بارغاندا پېرسۇنادلار ھەم ۋەقەلەردىن بەلگىلىك نەتىجە چىقىرىلىدۇ. باش تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ ۋە سۇژېتىمۇ يېشىم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەسىلەن: «ئاQ نىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» نىڭ 9 - بابى - «ئاقىۋەت» تە ئاQ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ مۇشۇ ئەسەرنىڭ يېشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات