زاۋېن
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(فېلىيەتون) فېلىيەتون _ جەمئىيەتتىكى ماھىيەتلىك ۋەقە - ھادىسىلەر ياكى خاھىشلار بىۋاسىتە ۋە تېزلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان، ئەدەبىي خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان سىياسىي مۇھكىمە ماقالىسى. ئۇنىڭدا ھەم سىياسىي مۇھاكىمە خاراكتېرى، ھەم ئەدەبىي خۇسۇسىيەتلەر بولىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى پاكىتلار ھەقىقىي بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ تىلى ھەم ئۆتكۈر، ھەم ئوبرازلىق، كىنايە، ھەجۋى قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: لۇشۈنننىڭ فېلىيەتونلىرى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولىدۇ.