پوئېتىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە poietike سۆزىدىن)
بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىلىم، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات قائىدىلىرى، ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەركىبىي قىسمى.
پوئېتىكا بەزىدە بىرەر يازغۇچى ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى، بەدىئىي ۋاستىلەر يىغىندىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: ناۋايى پوئېتىكىسى، ل. مۇتەللىپنىڭ پوئېتىكىسىغا دائىر...
پوئېتىكا - شېئىرىيەت، شېئىر تۈزۈلۈشىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ، پوئېتىك تىل بەدىئىي ئەسەر تىلى دېگەن بولىدۇ.