ئەدەبىياتنىڭ سىنىپىيلىكى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىپادىلىگەن مۇئەييەن سىنىپىي مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، پوزىتسىيە، ھېسسىيات ۋە ئارزۇ - ھەۋەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇئەييەن سىنىپنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە، ئەدەبىياتنىڭ سىنىپىيلىكى ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىيلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ سىنىپىيلىكى يازغۇچىنىڭ سىنىپىيلىكى ۋە ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇشنىڭ سىنىپىيلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەدەبىي ئەسەر مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يازغۇچىنىڭ مېڭىسىدە ئەكىس ئېتىشىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتتە يازغۇچى مۇئەييەن سىنىپقا مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسى، سۆز - ئىبارىلىرى، ھەرىكىتى ئۆز سىنىپىنىڭ مەيدانى، نۇقتىئىنەزىرىنىڭ تەسىرىگە ۋە چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن، ھامان مۇئەييەن سىنىپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، مۇئەييەن سىنىپنىڭ نۇقتىئىنەزىرى ئارقىلىق، مۇئەييەن سىنىپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۇرمۇشنى كۆزىتىدۇ، تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، تۇرمۇشنى چۈشىنىدۇ ۋە تەسۋىرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپىي جەمئىيەتتە يازغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ سىنىپىيلىكتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئەدەبىياتنىڭ سىنىپىيلىكىنىڭ ئىپادىلىنىشى مۇرەككەپ بولىدۇ: بەزى ئەسەرلەرنىڭ سىنىپىيلىكى بىر قەدەر بىۋاستە، ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئىپادىلىنشى بىر قەدەر ئەگرى - توقاي، تۇتۇقراق بولىدۇ. (مەسىلەن: مەنزىرە شېئىرلىرى، بەزى قوشاقلار). بەزى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ سىنىپىي قاراشلىرىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ، بەزىلىرىدە بولسا ئاپتورنىڭ ئۆز سىنىپىي قاراشلىرى قىيپاشراق، تۇتۇقراق ئىپادىلىنىپ باشقا سىنىپلارنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرلىرىمۇ قىستۇرۇلغان بولىدۇ. بەزى ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيۋى قاراشلار بىلەن ئاپتورنىڭ سىنىپىي كېلىپ چىقىشى بىردەك بولمايدىغان، ھەتتا قارىمۇ قارشى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سىنىپىيلىكىنى تەھلىل قىلغاندا ئاددىيلاشتۇرۇۋەتمەسلىك، كونكرېت ئەسەرلەرگە كونكرېت تەھلىل يۈرگۈزۈش لازىم.