UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەھرى رەجەز

بەھرى رەجەز

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى رەجەزنىڭ لۇغەت مەنىسى - شېئىر ئېيتىش، كۈيلەش، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ قىسقا - قىسقا، ئۇلاپ تېز ئوقۇلىدىغان ئۇزۇن بەھرى. ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى <رەجەز مۇسەممەن سالىم> (مۇكەممەل سەككىزلىك كۈيلەش). بۇنىڭ ۋەزنى سخېمىسى: تۆت مۇستەپئىلۇن. ئىككىنچى خىلى <رەجەز مۇسەممەن مەتۋى> (قاتلىنىدىغان ياكى ئاچ ئوقۇلىدىغان سەككىزلىك كۈيلەش). بۇنىڭ ۋەزىن سخېمىسى: تۆت مۇپتەئىلۇن ياكى ئىككى قات مۇپتەئىلۇن، مەپائىلۇن. ھەر ئىككى خىل شەكىلنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى شۇكى، سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار قسىقا بولۇپ، تۇراقلاردا كۆپ توختالماي ئوقۇلىدۇ؛ ھەر بىر مىسرا تۆت بوغۇملۇق تۆت تۇراقتىن تەركىب تاپىدۇ. مىسال: بىر كۈن مېنى / ئوتقا سېلىپ / مەجنۇن شىئار/ ئۆلتۈرگۈسى. ئۇسرۇك چىقىپ / جەۋلان قىلىپ / دىۋانىۋار / ئۆلتۈرگۈسى. (ناۋايى).
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
بەھرى رەجەز | UyghurWiki | UyghurWiki