يوشۇرۇن بايان
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەسۋىر ۋە بايان قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئاپتورنىڭ ئەسىرى ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان پېرسوناژلىرى ۋە ۋەقەلىكلەرگە بېرىدىغان بېشارىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇل پېرسوناژلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى ھەمدە ۋەقەلىك پەيدا بولۇشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلايدۇ. ئۇ كومپوزىتسىيىنىڭ جىپسىلىشىپ كېلىشىگە، ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ مەنتىقىيلىقلىقىغا ياردەم بېرىدۇ.
يوشۇرۇن بايان دراما ئەسەرلىرىدە <يوشۇرۇن سۇژېت (لىنىيە)> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى تەكرارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋەقەلىك يىپ ئۇچى توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ.
دېققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يوشۇرۇن بايان (ياكى يوشۇرۇن سۇژېت) ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىنكاسىنىمۇ ئېنىق تاپشۇرۇشى كېرەك.