غايىۋىلىك
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بەدىئىي ئەسەرنىڭ غايىۋى يۆنىلىشى بولۇپ، ئۇ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە ئەسەر مەزمۇنىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ غايىسى قانچىكى ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر بولسا، ئۇنىڭ ئەسىرىدە ھايات شۇنچىلىك كەڭ، چوڭقۇر ھەمدە ھەققانىي ئىپادىلىنىدۇ، بەدىئىي ئەسەرنىڭ قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىز ھالدا يۇقىرى باھالىنىدۇ.
«قۇدرەتلىك ۋە ھاياتىي غايە ئاساسىدا تۇغۇلغان، دەۋرنىڭ ئېسىل تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرگەن ئەدەبىي ئېقىملارلا يارقىن تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.» (چېرنىشېۋسكى)