UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترومانتىزم

رومانتىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (فرانسۇزچە romantisme سۆزىدىن كېلىپ چىققان) ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئاساسىلىق ئىجادىيەت مېتودلىرىنىڭ بىرى. ئۇ قەدىمكى زامان ئەپسانىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتدجىغا، ئەدەبىي ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ بېيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان ھەم مۇكەممەللىشىپ بارغا ئىجادىيەت ئۇسۇلىدۇر. رومانتىزىملىق ئىجادىيەت مېتودىدا رېئاللىقتا بولمىغان، لېكىن بولۇشقا تېگىشلىك ۋە بولۇش ئېھتىمالى بولغان تۇرمۇش كارتىنىسى، غايىۋى دۇنياغا بولغان قىزغىن ئىنتىلىش تەسۋىرلىنىدۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا ئاساسىلىقى، غايىۋى دۇنياغا قىزغىن ئىنتىلىش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەچكە، بۇ خىل مېتودنى ئىگەللىگەن يازغۇچىلار ھەرقاچان باي ۋە ھەيران قالارلىق تەسەۋۋۇر، مۇبالىغە، ئاجايىپ - غارايىپ سۇژېتلار، ئەپسانىۋى قىياپەت، باي ۋە جانلىق تىلنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. رومانتىزم 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ياۋروپا يۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە بىر خىل ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمى بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ سىياسىي جەھەتتە فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتتە كلاسسىزمغا تاقابىل تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۆرلەش دەۋرىدىكى ئىدىيىۋى ھالەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى. رومانتىزمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا غايە ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. ئۇ ئىلغار خاھىشقا ۋەكىللىك قىلسا، ئاكتىپ رومانتىزم، رېئاللىققا خىلاپلىق قىلسا، پاسسىپ رومانتىزم دەپ ئاتىلىدۇ. پاسسىپ رومانتىزم كىشىلەر بىلەن رېئاللىقنى مۇرەسسەلەشتۈرىدۇ ياكى كىشىلەرنى رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، پايدىسىز خىياللار بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدۇ. ئاكتىپ رومانتىزم كىشىلەرنىڭ ياشاشقا بولغان ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ، كىشىلەرنى رېئاللىققا، شۇنداقلا رېئاللىقتىكى بارلىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات