توقۇلمىسىز ھېكايىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
60 _، 70 _ يىللاردا ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر خىل يېڭى ئەدەبىي ژانىر. ئۇ « يېڭى ئاخبارات خەۋىرى » دەپمۇ ئاتالغان.
بەزى يازغۇچىلار رېئال تۇرمۇشنىڭ غەلىتىلىكى يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى كۈچىدىن ھالقىپ كەتتى، توقۇلما ھېكايىلەرنى يازغاندىن كۆرە، ھېكايە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە زىلزىلە پەيدا قىلغان ئىشلارنى تەسۋىرلىگەن تۈزۈك دەپ قارىغان. بۇ خىل ژانىر ئاپتورنىڭ ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەندە ئۆزىنىڭ كۆزىتىشلىرىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ئارىلاشتۇرۇشقا، ھەر خىل سىمۋوللۇق ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئەدەبىي ئاخباراتتىن چوڭقۇر، ئىنچىكە بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنىمۇ كۆپ شەخسىي خاھىشلىرىنى قوشۇۋالغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنىمۇ كۆپ شەخسىي خاھىشلىرىنى قوشۇۋالغان بولغاچقا بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئۆزگىچىرەك بولىدۇ.