UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئۈچىنچى خىل كىشىلەر

ئۈچىنچى خىل كىشىلەر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 1931 _ يىللىرى جوچيۇيۈەن ( 胡秋原) سۇۋېن ( 苏汶 ) قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن سول قانات يازغۇچىلار ئىنقىلابىي ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى بىتەرەپ كىشلەر قاتارىغا قويۇپ « ئەركىن كىشىلەر »، « ئۈچىنچى خىل كىشىلەر » دەپ ئاتىغان. « ئوقۇش كىتابى »، « دەۋر » قاتارلىق ژۇرناللاردا « ئەدەبىيات _ سەنئەت ئەركىنلىكى » قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ « مەڭگۈلۈك ئەدەبىيات _ سەنئەت » دېگەننى تەشۋىق قىلغان، ئەدەبىيات _ سەنئەتنىڭ ئىنقىلابىيلىقىنى ۋە سىياسىيلىقىنى ئىنكار قىلىپ، سول قانات يازغۇچىلار ئىنقىلابىي ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى ماھىيەتتە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى ياقلايدىغان ئەدەبىيات _ سەنئەت دەپ ۋالاقشىغان. بۇنىڭغا قارىتا لۇشۈن بىلەن چۈي چيۇبەي قاتارلىقلار ماقالىلەر ئېلان قىلىپ بۇلارنى قاتتىق پىپەن قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات