ئافورىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە قىسقا، ھېكمەتلىك سۆزىدىن)
ئىخچام ۋە ئېنىق ئىپادىلىنىپ، تولۇق بىرەر ئوي - پىكىرىنى بىلدۈرگۈچى ھېكمەتلىك سۆزلەر. خەلق دانالىقىنىڭ ئىپادىسى بولغان ماقاللارمۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ بىر تۈرىدۇ، يازما ئەدەبىيات نامايەندىلىرىمۇ، چوڭقۇر مەنىلىك پىكىر، مۇلاھىزىلەرنى ئېنىق ۋە ئىخچام ئىپادىلەپ ئاجايىپ ئافورىزىملارنى ياراتتى.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋايى، ئەھمەد يۈكنەكى ... لەرنىڭ ئافۇرىزملىرى مەشھۇردۇر.
مەسىلەن:
ئوقۇشسىز كىشى ئول يەمشسىز يىغاچ
يەمىشسىز يىغاچىغ نەگۈ قىلسۇن ئاچ.
ئەسىز ئىشكە ياقما ساڭا قىلغا قۇر
ئەسىزلىك يىلان ئول سەنى تىككەكور.
(يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان،
يامانلىق چاقىدۇ بولۇپ بىر يىلان) (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)"
بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم،
ئۇيالىپ سورىمىغان ئۆزىگە زالىم.
ئەگەر قىلمادى ئەل ھىمايەت ساڭا،
ئۆزەڭدىن كېرەكدۇر شىكايەت ساڭا. (ناۋايى)
يېقىنقى زامان ئەدبىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ قىسقا ۋە مۇكەممەل بەدىئىي شەكىلدە ئىپادىلىنىپ، چوڭقۇر مەنە بىلدۈرىدىغان ئافورىزملار كۆپ. مەسىلەن:
لېنىننى ئاڭلايمىز
پارتىيە دېسەك
پارتىيە دېگىنىمىز
بۇ لېنىن دېمەك (ۋ. ماياكوۋسكى)
تىكەنلىك بويى يوق، ئۈنگەن زىيانلىق ئۈشبۇ گۈللەردىن،
چىرايى بولمىسا ھەم مەنپەئەتلىك ئوتلار ئۈنگەن خوپ.
جاھاندا يار - يولداشسىز كۈن ئۆتكۈزمەكمىغۇ مۈشكۈل،
كالىلار بىرلە سۆھبەتتىن يۈرۈپ چۆللەردە ئۆلگەن خوپ. (ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى)
بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى،
بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچڭنى. (ل. مۇتەللىپ)