UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىيات« ئۈچ بىر « چىلىك

« ئۈچ بىر « چىلىك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ياۋروپا كلاسسزم ( كونىچىلىق ) تىياتىرچىلىقىنىڭ ئىجادىيەت پرىنسىپى. ئۇنىڭ مەنىسى، تىياتىر ۋەقەلىكى، ئورۇن _ جاي، ۋاقىت بۇ ئۈچى مۇكەممەل بىردەكلىككە ئىگە بولۇش دېگەن بولىدۇ. يەنى، تىياتىر ئەسىرىدە بىر مۇكەممەل سۇژېت ( ۋەقەلىك ) بولۇش، بۇ ۋەقەلىك مۇكەممەل بىر ۋاقىت ئىچىدە ( مەسىلەن: 24 سائەن ئىچىدە ) يۈز بەرگەن بولۇش، يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە بىرلا ئورۇندا ( مەسىلەن: بىر شەھەر ياكى بىر كوچىدا ) باشلىنىپ، ئاياغلىشىدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 17 _ ئەسىردىكى فرانسىيە كلاسسىزمچى ( كونىچى ) دراماتۇرگلار بۇ قانۇنىيەتكە قاتتىق ئەمەل قىلغان، رومانتىزمچى دراماتۇرگلار تولاراق شېكېسپېر ئۈلگىسى ئارقىلىق بۇ پرىنسىپلارغا قارشى تۇرغانىدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات