UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبەھرى خەفىف

بەھرى خەفىف

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خەفىفنىڭ لۇغەت مەنىسى <يەڭگىل> دېگەن بولىدۇ. بۇ چاچما بەھرىدۇر. مىسرالىرى ئون بوغۇمدىن تەركىب تاپىدۇ. سۆز بوغۇملىرى چېچىلىپ ئوقۇلىدۇ. مىسال: قان بولدى / كۆڭۈل پىرا/ قى بىرلە، كۆيدى جا / نىم ئىشتىيا / قى بىرلە. ئىشقىندا / قارا باشىم / ئاقاردى، بىر باقما / دى كۆز قارا / قى بىرلە. (ئاتايى.) بۇنىڭ سخېمىسى مۇنداق: پائىلەن - مەپائىلەن - مەپئۇلەن.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات