UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتدۇنياۋى ئەدەبىيات

دۇنياۋى ئەدەبىيات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى دىنىي - مىستىك ئەدەبىياتقا قارشى مەيداندا تۇرۇپ، ھاياتقا مۇھەببەت بىلەن قاراپ، دۇنيا نازۇنېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا، ياشاشقا چاقىرغۇچى، ئىنسان ۋە ھايات ئىشقىنى كۈيلىگۈچى ئەدەبىيات. بۇ ئەدەبىيات ئېلىمىز ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەرياننى ئىگەللەيدۇ، چۈي يۈەن زامانىدىن باشلىغاندا، بىر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر 10 -، 11 - ئەسىرلەر بولۇپ، <قۇتادغۇبىلىك> ۋە <تۈركىي تىللار دىۋانى> ئەسەرلىرى دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇنبىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا چىققان ئەھمەد يۈكنەكى، ئەلشىر ناۋايى، لۇتفى قاتارلىق ئىلغار ئەدەبىيات ئۇستازلىرى ئەدەبىي ھاياتتا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، بۇ سەنئەت ئۇستازلىرى ياشىغان دەۋر ئەدەبىياتى مۇھۇم ھاياتىي مەسىللەرنى تېما قىلىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي - سىياسىي، پەلسەپىۋى ۋە ئەخلاقىي - تەلىمىي قاراشلىرىنى كۈيلىگەنىدى. دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ <گۈل ۋە نورۇز>، <خازائىنول مەئانى>، <خەمىسە> قاتارلىق نامايەندىلىرى ھەممىگە مەلۇم.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات