UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئۇقۇملاشتۇرۇش

ئۇقۇملاشتۇرۇش

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ناتوغرا خاھىش. بۇنىڭدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاساس قىلىنغان ھالدا ئوبراز يارىتالماستىن، بەلكى ئاددىي چۈشەنچە بېرىش ۋە « ئۇقۇملاشتۇرۇش » ئوبراز يارىتىشنىڭ ئورنىغا قويۇلىدۇ. ئورتاقلىق بىلەن ئىندىۋىدۇئاللىق، ئومۇملۇق بىلەن ئايرىملىقنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىگە سەل قارايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يارىتىلغان ئوبراز دەۋر روھىنىڭ ساپ كانىيى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئوقۇملاشتۇرۇلغان ئەسەرنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىمۇ بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات