پىيېتىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تەقۋادارچىلىق. 17 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە گېرمانىيىدە كەڭ تارقالغان دىنىي ئېقىم. ئاساسىي باشچىلىرى پىلىپىپ ياكوب سپېنېر (1635 - 1705)، فرانكې ئاۋگۇست گېرمان (1663 - 1727) قاتارلىقلار ئىدى.
بۇ ئېقىمدىكىلەر دىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشىنىشتە ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا <كۆڭۈلدىكى تەقۋادارچىلىق> نى ئىپادىلەشتە دەپ قارىغان، <ئىنجىل> نى تاللاپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇسسۇل ئويناشقا، تىياتىر كۆرۈشكە قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئىپادىسىمۇ شېئىرلاردا كەڭ ئەكىس ئەتكەنىدى.